Home
ۋاقىت: 10:30am
ۋاشىنگىتون، ئامېرىكا
  • تىزىملىتىڭ

ئىلھام توختى

 

ئىلھام توختى ئىلگىرى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. تىنچلىق بىلەن جۇڭگو ھۆكمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا  قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان، ۋە بۇ  سەۋەب 2014 – يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 
ئىلھام توختى ئاتۇش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكالاۋرلىقنى، ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەن. 2014 -يىلىغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر بىز تورىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. ئىنتېرنېت يۈزىدە ئېلان قىلغانلىرى ۋە نۇتۇق مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلقلەرگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلەرگە قارشى  ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئاكادېمىك جەھەتتە بولسا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىرىنى  تەتقىق قىلغان